• داشقازان تامىقى توختىتىلىپ،ئەزالار ئايدا 24كىلوگرامدىن ئاشلىق تەمىناتىدىن بەھرىلىنىپ، ئۆزلىرى قازان ئاسىدىغان ۋاقىتلار يىتىپ كىلىۋىدى،ئەترەتتىن ئۆي ئورنى يوقلارغا بىر يېرىم مودىن ئولتۇراق ئۆي ئورنى تەقسىملىنىپ بېرىلدى.شۇ قاتاردا سەمەتجانلارغىمۇ ئۆيلۈك يەر بېرىلدى.قاسىمئاخۇن ئاكا،مايسىخان ئانىلار كۆپ ئويلىنىپ،مەسلىھەتلىشىپ بالىلارغا ھە-ھۇ دەپ ئۆي سېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.سەمەتجانمۇ بۇ مەسلىھەتكە قوشۇلۇپ ئەترەت ئىشىدىن بىكار بولغان پەيتلىرىدە مۇخپۇل بىلەن كېسەك قۇيۇپ ئۆي سېلىشقا تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى-ۋە كۈزگۈچە ئەپچىلگىنە قورا چۆرۈپ ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىۋالدى.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىم تۇرغۇسى بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلقى ۋە دەۋەت قىلىشى بىلەن يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى.ھويلىسىغا مىۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنى تىكىپ،ئالقانچىلىك كۆكتاتلىقىغا ھەر خىل كۆكتاتلارنى تېرىۋالغان توختىگۈل بۇ كىچىككىنە جەننىتىدىن تولىمۇ سۈيۈنۈش ئىچىدە،ھەر-بىر تۈپ گىياھقا ئالاھىدە مىھرى بىلەن پەرۋىش قىلاتتى.ئەتىگىنى ئېرى بىلەن بىللە ئەمگەككە چىقىپ كەچتە بىللە قايتىپ،كىچىككىنە تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ھەر-ئىككىلىسى بىردەم ئالدىراش بولۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن توختىگۈل ئېرىگە كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتى.مىھرىگۈل مۇئەللىم نېرۋىسىدىن ئاداشقاندىن كىيىن بىر كۈنى توختىگۈل ئۇنى يوقلاپ بارغىنىدا،ئانىسى بىرمۇنچە كۆز-يېشى قىلغان ۋە مىھرىگۈلنىڭ ئامراق كىتاپلىرىنى كۈندە يىرتىپ يىغلايدىغىنىنى،بىر كۈنلەردە قىزىنىڭ ئەسلىگە كىلىپ قېلىپ نادامەتتە قالماسلىقىنى ئويلاۋاتقىنىنى ئېيتىپ،قالغان كىتاپلارنى  ئىككى تاغارغا قاچىلاپ توختىگۈلگە بەرگەن ئىدى.

    بەزى كىتاپ ۋاراقلىرى ئۈستىگە يېزىلغان ئەينى چاغدىكى پەرھات مۇئەللىم مىھرىگۈلدىن كىتاپ ئارىيەت ئالغاندا يىزىپ قويغان كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى كۆرگىنىدە توختىگۈل ئازاپلىق كۆز-ياشلىرىنى توختىتالماي ،ئېرىنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتەتتى.ئەر-ئايال ئىككىسى بوش ۋاقتى چىقسىلا بېرىپ مىھرىگۈل مۇئەللىمنى يوقلاپ كىلەتتى.توختىگۈل بارغۇچە ئۇستازىنىڭ كۈلۈپ ئالدىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ،خوشال بارغان بولسا،قايتاشىدا يەنىلا ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئۈمىتسىزلىنىپ قايتاتتى.ئۇلار توي قىلغاندىن بېرى سەمەتجاننىڭ بىر يۇرتلۇق شاگىرتى مۇخپۇل ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغان ئىدى.ئۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىققاندىن كىيىن مۇخپۇل ئۆز ئوغلىدەك ئىچىكىشىپ كەتكەن،قاسىمئاخۇن ئاكا،مايسىخان ئانىلارنىڭ تەلىۋى بويىنچە  ئۇلارنىڭكىدە قالدى.بەزىدە مەھەللىكىلەرنىڭ كىگىزلىرىنى ئېتىشكە توغرا كەلگەندە سەمەتجان ئىككىسى تۈننى تاڭغا ئۇلاپ ئىشلەپ كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا توختىگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە قايتىپ كىلىپ قوناتتى.

    5

    كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆز كەچمىشلىرى ئەڭ كۆپ ئەسلىنىدىغان پەيت،ئادەمنىڭ قېرىغان ياكى يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىدۇر.توختىگۈلنىڭ كىشىلىك يوللىرى كەنتتىكىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بىر ئىزىدا داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ،بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ كىتاپلارنى كۆپ كۆرگەچكە كىچىكىدىن تا ھازىرغۇچە كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان(نىمە ئۈچۈن)لەر داۋاملىق ئۇنى قىينايتى.مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئەرلەر سۇغا چىقسا ياكى قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ قويغىنىنى بىرەرسى كۆرۈپ قالسا مەڭگۈ(خوتۇنىدىن قورقىدۇ،خوتۇنىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ...)دىگەندەك چۆچەكلىرىگە پىلىك بولۇپ كەمسىتىلىنىپ باش كۆتۈرۈلمەي قېلىشلىرى.

    قىزلار 10 ياشتىن ئېشىپ كۆكسىگە بەز چۈشۈشكە باشلىغاندا ئانىلىرىنىڭ سۆز-چۆچەكتىن قورقۇپ قىزىنىڭ كىچىككىنە بەزلىرىنى كۈچەپ تېڭىپ بېقىنلىرىنى قانىتىۋېتىشى.تېخى قايسى كۈنى ئاڭلىغان نىياسەمخان قىزىنىڭ كۆكسىگە بەز چۈشكەندە تۇنۇرغا ئىككى تال توقاچ يېقىپ،تۇنۇردىن چىققان قىزىق توقاچنى ئېلىپلا ئوتتۇرىنى ئويۇپ قىزىنىڭ كۆكسىگە يېقىپتىكەن.قىزىنىڭ كۆكسى شۇ پېتى يوغىنىماپتۇ.دەپ ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە بۇ (خۇشخەۋەر)نى يەتكۈزۈشلىرى...ئىشقىلىپ ئۇنىڭ كاللىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئۆتمەيتتى.بەزى چاغلاردا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ سېلىپ يامان بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى.

    تەلىيىگە ئېرى سەمەتجان ئۇنچىۋالا مۇتەئەسسىپ ئەمەس ئىدى.ھەمدە ئايالىنىڭ بەزى كۆز-قاراشلىرىنى توغرا تېپىپ قوللايتى.كېچىلىرى ئەلنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەندە سۇلارنى تۈشۈپ ئىدىشلارنى توشقۇزۇپ قوياتتى.ئايالى ئاي كۆرۈپ قالغان چاغلاردا قولىنى سۇغا تىققۇزماي،دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ كىر-قاتلارنى يۇياتتى.

    توختىگۈلنىڭ ئەڭ بەختىيار مەزگىللىرى مانا شۇنداق ئېرىنىڭ ئىززەت-كۆيۈنۈشلىرىگە،مۇڭلۇق دۇتتار پەتىلىرىگە چۆمۈلۈپ،ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلىقىدىن ئۇ  بىخەۋەر ئىدى ئەلۋەتتە.

    بۇ كۈنلەردە مىھرىگۈلنى ئالالماي ئەلەم بىلەن يۇرتنى تاشلاپ كەتكەن مەخمۇت توخۇ قاراشەھەر تەرەپتە نەچچە يىل يۈرۈپ ،بىر ئايالنى(خوتۇنۇم)دەپ كەينىگە سېلىپ يەنە قايتىپ كەلگەن ۋە سەمەتجانغا ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىپ توختىگۈلنىڭ ئۇنى كۆرۈپ قاپىقى تۈرۈلگىنىگە ئېۋەنمۇ قىلماي،كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن ۋە مىھرىگۈلنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ توختىگۈلنىڭ يۈرەك زېدىسىنى تاتىلاپ يۈرگەن ئىدى.ئايالىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ كىلىۋاتقان سەمەتجان نىمىشقىدۇر بۇ قېتىم توختىگۈلنىڭ توسقىنىغا قارىماي مەخمۇت توخۇ بىلەن يېقىنلىشىپ كىتىۋاتاتتى.كەچلىكلىرى مەخمۇت ئۇنى چاقىرىپ كىرگەندە ئۇ خوتۇنىغا ئېرەنمۇ قىلمىغاندەك دۇتتىرىنى كۆتۈرۈپ مەخمۇتقا ئەگىشىپ چىقىپ كىتىپ تاڭ ئاتارغا يېقىن قايتىپ كىلەتتى.بۇنداق چاغلاردا توختىگۈل ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تاڭ ئاتقۇچە ئاياغ تىۋىشىنى تىڭشاپ دەككە-دۈككە ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزاتتى.بەزىدە ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ:-‹‹ئۇ بىچارەنىڭمۇ دەردى ئاز ئەمەس،ئاتا-ئانىسى يوق،ياتنىڭ يۇرتىدا مىنى دەپ تۇرۇۋاتىدۇ،بوپتۇلا كۆڭلىنى خوش قىلىپ،دۇتتار چېلىپ-ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇپ قالغاندۇ...)دەپ توغرا چۈشەنگەنمۇ بولاتتى.لېكىن مەخمۇتنىڭ نەشە چىكىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كەتتى ۋە سەمەتجاننى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كىلىش قىلىشتىن قاتتىق توستى.نەتىجىدە،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ،ئىززىتىنى قىلىپ كىلىۋاتقان ئېرىدىن تەستەك يىيىش بىلەن خورلۇق ۋە ئەندىشە ئىچىدە مۇڭلىنىپ قالدى.

    ئۇ بۇ ئىشلارنى،ئېرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىۋاتقىنىنى كېچە-كۈندۈز غېمىنى يەپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئاتا-ئانىسىغا دىيىشكە،ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىشقا پېتىنالماي،دەرتلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈردى.تەغدىر قېرىشقاندەك ئۇلار تىلەپ،سېغىنغاندا بەرمىگەن كۈتۈلمىگەن مىھماننى ئەمدى بەرگەن ئىدى.قوسىقىنىڭ كۈنسىرى يوغىناۋاتقىنىدىن ئۇ گاھى خوشال بولۇپ گاھى ئېرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىۋاتقىنىدىن ۋايىم يەپ،تۇغۇلمىغان بۇ نارەسىدەنى قايسى تەغدىر كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنىدىن خاۋاتىرلىنىپ ،ئۇلۇغ اللاھتىن كېچە-كۈندۈز ئېرىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىنى،ئىنساۋىنى تىلەپ يىغلاپ ئۆتكۈزدى.ئەتىياز پەسلىنىڭ سېرىق تال بىر مەزگىلىدە،ئېتىزلىقتا ئوپچە ئىش قىلىۋاتقان توختىگۈل قورسىقىنىڭ قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىشىدىن تولغۇنۇپ ئۆزىنى تۇپراق ئۈستىگە تاشلىدى.

    ئۇنىڭدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئىشلەۋاتقان ئېرى باشقىلارنىڭ توۋلاشلىرى بىلەن يىتىپ كەلدى ۋە توختىگۈلنى كۆتۈرۈپ قاسىمئاخۇن ئاكىلارنىڭكىگە ئاپاردى.تۇغۇت ئانىسى چاقىرىتىلىپ،ھايات-ماماتلىق بىر مەيدان جەڭدىن كىيىن ئۇ بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغدى.قاسىمئاخۇن ئاكا،مايسىخان ئانىنىڭ خوشاللىقتىن قوللىرى ئىشقا بارمايتى.ئۆمرىدە تۇنجى كۆرگەن بۇ ئوغۇل ئەۋلادىدىن سۈيۈنۈپ،خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ،قولدىن-قولغا تالىشىپ ئېلىپ،يېنىش-يېنىشلاپ سۆيەتتى.

    توختىگۈل ئوغلىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىدىن ئېرىنىڭ سۈيۈنۈپ،ئائىلىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلۇپ،تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىگە قايتىشىنى ئۈمىت قىلاتتى.ئېرىنىڭ دۇتتار چېلىپ ئولتۇرۇپ كۆزىنىڭ ئىچىگە مەسلىكى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى سېغىناتتى.كېچىلىرى قۇلاق تۈۋىگە شىرىن سۆزلەر بىلەن شىۋېرلاپ تۈننى تاڭغا ئۇلىغان مۇھەببەتلىك پەيتلىرىنى سېغىناتتى.

    لېكىن ئۇ كۈنلەر بارغانسىرى يىراقلاپ تولىمۇ يىراقتا قالغاندەك بىلىنگەنسىرى ئېرىدىكى بۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەردىن ئۈمۈتسىزلىنەتتى.

    توختىگۈلنىڭ قىرقى توشقۇچە سەمەتجان بۇ ئۆيگە بارى-يوق 5لا قېتىم كىلىپ،ئاددىلا ئەھۋال سوراپ، ئوغلىنى بىردەم ئوينىتىپلا قايتىپ كەتتى.ئۇ ئېرىنىڭ كۈندە يېنىدا تۇرۇشىنى،ھىچ بولمىغاندا كۈندە بىرەر قېتىم كىلىپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ ۋە سەمەتجاندىن نازلىنىپ تۇرۇپ يىلىنىپ ئۆتۈنگەن بولسىمۇ،بۇ ئورۇنۇشلىرى بىكارغا كەتتى.ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇپ كەتكەن ئېرى ئوخشاشلا نەچچە كۈن يوقاپ كىتىپ،خالىغاندا پەيدا بولاتتى.ئېرىنىڭ مىجەزىدىكى بەزى ئۆزگۈرۈشلەر ئۇنى چۆچۈتەتتى.سەمەتجان پەقەت گەپ خوشلىمايدىغان،تۇرۇپ ئېچىلىپ،تۇرۇپ تۇتۇلۇپ قالىدىغان،ئاسانلا بىر ئىشلارنى سەۋەپ قىلىپ چېچىلىپ،چالۋاقايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

    ئوپچە ئىش مەيدانىدىمۇ ئاسانلا باشقىلارنىڭ چىشىغا تىگىپ ياكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولالماي،ئايلىق تەمىناتى بەزىدە نەچچە جىڭلا قولىغا تىگەتتى.

    قىرقىنى توشقۇزۇپ ئىشقا چىققان توختىگۈل غەيۋەتخور ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن غىل-پال ‹‹سەمەتجان ئايشەمگۈلگە ئۆگىنىپ قاپتۇمىش››دىگەندەك بىشارەتلەرنى ئاڭلاپ،بېشىدىن چاخماق چېقىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك ئەندىكىپ،ئازاپلانغان بولسىمۇ‹‹بۇ خوتۇنلار نىمىنى دىمەيدۇ؟ئۆسەك گەپلەرگە ئىشەنمەي ئېرىمگە ئىشىنەي،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ۋاپاسىز ئادەم ئەمەس››دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ يۈردى.سەمەتجان ھەر-كۈنى دىگۈدەك يېرىم كېچىلەردە ئۆيگە قايتىپ كىلەتتىدە ھىچقانداق گەپ خوشلىماي يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ ئۇيقۇغا كىتەتتى.كېچىچە بالىسىنىڭ يىغىسىنى جىمىقتۇرۇپ بولالماي،ئەتىگىنى ئەترەت ئىشىغا ئارانلا ئۈلگۈرۈۋاتقان توختىگۈل ئېرىدىن نەچچە قېتىم‹‹ئەتىگەنرەك تۈرۈپ تاماق قىلمىدىڭ››دىگەن باھانە بىلەن تاياق يىدى.كۆزلىرىگە پات-پات چۈشۈپ تۇرىدىغان كۆكلەر،قىزىللىقلارنى ئۇ ئاخىرى ئاتا-ئانىسىدىن يۇشۇرۇپ قالالمىدى.

    -نىمانداق تولا تىگىپ كىتىدىغان ئوتۇنكەن ئۇ؟،-دىدى قاسىمئاخۇن ئاكا قىزىنىڭ داۋاملىق يالغان سۆزلىشىدىن ئاچچىقلىنىپ،-

    ئەجەپ يامان ئوتۇنكىنا ئۇ؟يىڭى تۇغۇتلۇق دىمەي تىگىپ كىتىۋېرىدىغان؟گېپى بولسا،يارىمىغان بولسىڭىز گېپىنى ئۇچۇق قىلسۇن.بىزنىڭ ئون قىزىمىز يوق ئۇنىڭ تايىقىغا تاشلاپ بېرىدىغان.

    ئاتىنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئېچىشتى.مۇشۇ قورساق تۈزۈك تويمايدىغان مەزگىللەردە بالىلىق بولۇپ،تېخى تۈزۈك تىتىلىپ بولالمايۋاتقان،بالىسىغا تۈزۈك سۈتى چىقماي،قىينىلىۋاتقان،ئاجىزلاپ بىر تېرە-ئۇستىخان بولۇپ قالغان قىزىنىڭ يەنە ئورۇنسىز تاياق يىيىشىگە كىممۇ چىدىسۇن؟

    قاسىمئاخۇن ئاكا سەمەتجانغا ئايرىم بىرھازا نەسىھەت قىلدى.سۆھبەت جەريانىدا  قاتتىق گەپ قىلىپ ئىشنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خېلى ئويلىنىپ،مۇنەججىملىك بىلەن چىرايلىق،يولىدا نەسىھەت قىلىپ،بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان سەمەتجانغا قىزىنى قوشۇپ قويدى.ۋە يېشىنى يىڭىگە سۈرتۈپ مىشىلداپ ئولتۇرغان مايسىخان ئانىغا‹‹بىر ئۆي دىگەندە ئۇنچىلىك ئىشلار بوپ تۇرىدۇ.ياش ئەمەسمۇ ئۆزلىرى چىقىشىۋالىدۇ.خۇدايىم سەمەتجاننىڭ كۆڭلىگىمۇ ئىنساپ بېرەر››دەپ تەسەللى بەردى.

    ئانا سۈتىگە تويمايۋاتقان بوۋاق كۈندە يېرىم كېچىلەرگۈچە يىغلاپ تېلىقىپ ئۇخلاپ قالاتتى،شۇنداقلا قىززىتمىسى تولا ئۆرلەپ كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا پۇت-قولدا جان قالمىغان توختىگۈل زەيلىكلەردىن پاقا يۇپۇرمىقى ئۈزۈپ ئەكىلىپ بالىنىڭ بەدەنلىرىگە يېقىپ قىززىتمىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشاتتى.

    سەمەتجان(كىگىز ئىتىمەن)دەپ چىقىپ كىتىپ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن كەچكى كۈزدىكى يېرىم كېچىلەرنىڭ بىرىدە بالا يەنە شۇنداق قاتتىق قىززىپ كەتتى.ئۆزى بىلىدىغان،ئانىسى ئېيتىپ بەرگەن چارە-ئاماللارنىڭ ھەممىنى سىناپ بېقىپمۇ بالىنىڭ قىززىتمىسىنى چۈشۈرەلمىگەن توختىگۈل بالىنى دادىسىنىڭ جۇۋىسىغا يۆگەپ كۆتۈرۈپ يىغلىغۇنىچە يېزىلىق داۋالاش پونكىتىغا ماڭدى.ياش توسىۋالغان كۆزلىرىدە قاراڭغۇ يولنى ئاران ئىلغا قىلىپ كىتىۋاتقان توختىگۈل قاتار كەتكەن ئۆيلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ ئۆزىگە تولىمۇ تۇنۇشلۇق بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىدە-جايىدا تۇرۇپلا قالدى.بۇ ئۆي دەل توختىگۈل ئاندا-ساندا ئاڭلاپ قالغان سەمەتجان ئايشەمگۈلگە ئۆگۈنىۋاپتىمىش دىگەن ئۆينىڭ ئىگىسى ئايشەمگۈلنىڭ ئىشىك ئالدى ئىدى.دەرۋازىدىن چىقىۋاتقان سەمەتجان ئارقىسىدىكى گەۋدىگە قاراپ‹‹بولدى ئۇزاتماي تېز كىرىپ كىتىڭ،ئەتە كۆرۈشەيلى››دىۋىدى،ئۇ ئايالمۇ‹‹ئەتە جىنتىكىڭىز باغلىۋالسىچۇ››دىدى ناز-كەرەشمە بىلەن ئەركىلەپ.

    توختىگۈل جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇراتتى.تىمىسقىلاپ كىلىۋاتقان گەۋدە ئۇنىڭغا ئورۇلدى.ئۇرۇلدىيۇ قاتتىق چۆچۈپ‹‹كىم!››دەپ توۋلىدى.توختىگۈل سۈكۈتتە تۇراتتى.ئۇنىڭدا ماڭغۇدەكمۇ،گەپ قىلغۇدەكمۇ مادار قالمىغان بولغاچ بالىسىنى چىڭ قاماللىغان پېتى يەرگە يىقىلدى.

    توختىگۈل كۆزىنى ئاچقاندا قولىدا ئاسما ئۇكۇل ئېسىقلىق ھالدا دوختۇرخانا كارۋىتىدا ياتاتتى.ئاتا-ئانىسى يۈرەكلىرى لەختە بولغان ھالدا ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قاراۋاتقان ئىدى.ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا‹‹بالام قېنى؟››دەپ سورىدى.ئاتا-ئانا سۈكۈت بىلەن ئۈنسىز ياشلىرىنى تۆكۈپ بېشىنى تۆۋەن سېلىشتى.ئۇ قولىدىكى ئاسما ئۇكۇلنى بار كۈچى بىلەن يولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدىيۇ يەنە كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى.

    قاباھەتلىك ئۇ كېچىدە توختىگۈل ھوشىدىن كەتكەندە ئۇنىڭ كىملىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن ۋە ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن سەمەتجان بەدەر قېچىپ ئۆيىگە بارغان ۋە خوتۇن بالىسىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ،ئەجەپلىنىپ ‹‹بايىقى شۇمىدۇيا؟››دىگەن خىيالنى قىلىپ ئەندىكىپ دەرھال قىيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان .ئۇلارنىڭ‹‹ توختىگۈل كەلمىدى›› دىگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ بايىقى كوچىغا كەلگەن، بىرەر كىلىشمەسلىكنى تۇيۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن قاسىمئاخۇن ئاكا يولدا بىھۇش ياتقان قىزى ۋە ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلىشىپ سوۋۇپ كەتكەن نەۋرىسىنىڭ جەسىدىنى كۆرگەن ئىدى.

    توختىگۈل ئۆزىنىڭ نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقانلىقىنى بىلمەيتى،گاھىدا ھوشىغا كىلەتتىيۇ ‹‹ئاھ بالام جېنىم بالام،مىنى نىمىشقا بىللە ئېلىپ كەتمىدىڭ؟!››دەپ پەريات چىكىپ،چاچلىرىنى يولۇپ يەنە ھوشسىزلىنىپ يىقىلاتتى.ئۇ بۇ دەرتلەرنىڭ قايسى بىرىگە يىغلىسۇن؟ئىشىنىپ بارلىقىنى ئاتاپ،چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئېرىدىن كەلگەن ۋاپاغىمۇ؟،ھايات شامىنى پىلىلدىتىپ تۇرغان ئوماق ئوغلىدىن ۋاقىتسىز،مەڭگۈلۈك خوشلاشقىنى ھەتتا ئۇنىڭ ئاخىرقى سوغۇق يۈزىنىمۇ كۆرەلمىگىنى ئۈچۈنمۇ؟

    سەمەتجان ئۇنىڭ يۈزىگە قاراشقا پېتىنالمايتى،ھەتتا دوختۇرغاخانىغا بېرىشتىنمۇ،توختىگۈلنىڭ نەپرەتلىك قاراشلىرىدىنمۇ قورقاتتى.قىز ئالغان ئايالى،بېشىنى سىلىغان قىيىن ئاتا-قىيىنئانىسى ۋە ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوماق ئوغلى ئىسىگە كەلسىلا بىر ئاچچىق ھەسرەت گېلىنى بۇغاتتى.

    مايسىخان ئانا نەۋرىسىنىڭ ئىچ كۆيۈكى ۋە قىزىنىڭ ھالىغا چىدىماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ھىچكىمگە گەپ قىلماي تورۇسقا قاراپ ياتقىنى ياتقان ئىدى.بۇ كىلىشمەسلىكلەردىن قاسىمئاخۇن ئاكىنىڭ يامغۇردەك  ياشلىرى ساقاللىرىنىڭ ئۇچىدىن تۆكۈلەتتى.لېكىن نىمىلا بولسۇن ئۇ بىر ئەركىشىگە خاس غەيرەت بىلەن ئۆيدە ياتقان ئايالى ۋە دوختۇرخانىدىكى قىزى ئۈچۈن پايپېتەك بولاتتى.

     

    سەمەتجاننى نەچچە كۈن كۆرمىگەن ئايشەمگۈل ئۇنىڭ ئۆيىدە ھازا بولغانلىقىنى،ئىككىلا ئاجىزەنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ يەنىلا پۇشايماندىن قىلچە ئەسەر يوق مۇدھىش كۆزلىرى بىلەن ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلار ئارىسىدىن سەمەتجاننى ئىزدىدى.قېرىشقاندەك بۈگۈن ئوپچە ئەمگەكتىن يانغانلارنىڭ ئارىسىدا سەمەتجان كۆرۈنمىدى.

    ئۇ نىمىلەرنىدۇر غودۇراپ قويۇپ ھويلىسىغا يېنىپ كىرىپ بىر غېرىچتەك ئورالغان موخۇركىسىنى كۈچەپ شوراشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكىلى نەچچە يىل بولغان ۋە مەھەللىدىكى ئۇدۇل چوڭ بولغان ئوغۇللارنى ئازدۇرۇپ،‹‹كۆزىنى ئېچىپ››قويىدىغان ھۈنەرلىرى بولغاچقا مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ يېقىنلاشمايتى،پەقەت مەخمۇت توخۇ سەمەتجان ۋە باشقا نەچچە بەڭگىلەرنى بېشەم خوتۇنىدىن قورقۇپ ئۆيىگە باشلىيالمىغان كۈنلىرىنى ئۇنىڭكىگە باشلاپ كىلىپ،‹‹كۆڭۈل خوشى››قىلىشاتتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇتتارچى،تەمبۈرچى،داپچى...لار تەل بولغاچقا بۇ سورۇن شۇنداق قىززىپ كىتەتتىدە كەلگەنلەرنىڭ كەتكۈسى كەلمەي نەشىنىڭ كەيپىدىن قىزارغان ئەلەڭ-سەلەڭ كۆزلىرىنى ئامشەمگۈلنىڭ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندىكى ئىتەكلىرىدىن ئۈزەلمەي قېلىشاتتى.سەمەتجان باشتا بۇ ئۆيگە كەلگەندە قورۇنۇپقىنە ئولتۇرغان ۋە مەخمۇت توخۇنىڭ زورى بىلەن نەچچە پەدە دۇتتار چېلىپ بەرگەن بولسىمۇ كىيىنچە بۇ‹‹ئەركەك››لەرنىڭ سېسىق گەپلىرى ۋە زورلاشلىرى بىلەن غاڭزىنى قولىغا ئالغان ئىدى.شۇنداقلا مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ھۆرمەت قىلىپ تەرىپلەيدىغان موئمىن قىيىنئاتىسى قاسىمئاخۇننىڭ يامان سۆزلىرىنىمۇ مۇشۇ سورۇندا تۇنجى ئاڭلىغان ۋە‹‹ئەسلىدە مەن پەرىشتە بىلىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ تايىنلىقكەنغۇ؟››دەپ ئويلاشقا باشلىغان،شۇنىڭدىن كىيىن قىيىن ئاتىسىنىمۇ بورۇنقىدەك كۆزگە ئىلغۇسى كەلمەيدىغان،ئايالىنىمۇ بۇرۇنقىدەك قەدىرلىگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان،چۈنكى ئۇنىڭ ئاشۇ ئۈلپەتداشلىرى مىڭىسىنى يۇيۇشقا باشلىغان ئىدى.

    بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان،ئايالىغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي يۈرگەن سەمەتجان ئۈلپەتداشلىرىنىڭ قېشىغىمۇ بارمىدى.ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئويلاندى.ئاخىرى قىلغانلىرىنىڭ ھەقىقى خاتالىقىنى،ئۆزىنىڭ بىر خاتا يولغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلىپ ۋىجدان ئازاۋى تارتىپ،ئايالى ساقايسا ئۇنىڭغا ھەممە راست گەپنى قىلىپ گۇناھىنى تىلەشنى،بورۇنقى بەختىيار كۈنلىرىگە قايتىشنى ئويلىغان سەمەتجان ئىشتىن چۈشسىلا قىيىنئاتىسىنىڭكىگە بېرىپ ياردەملىشىپ،قىيىنئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا تىرىشىپ پايپېتەك بولۇپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.

    بەزىدە دوخۇرخانىغا باراتتىدە ياتاقنىڭ ئىشىكىدىن ئاتلاشقا پېتىنالماي ئىشىككە يۆلىنىپ بىر ھازا مۇڭلىنىپ تۇرۇپ،ئايالىنىڭ كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىگۈدەك ھالىغا قاراپ ئېچىناتتى.بۇ كەلگۈلۈكلەرنىڭ سەۋەپچىسى ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا يولدا كەلگەچ ئۆزىنى نەچچىنى كاچاتلىۋەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بار ئىدى.

    بۈگۈن ئۇ ئوپچە ئىشتىن يېنىپ چوڭ ئۆيگە كىتىۋاتاتتى،ئۇنىڭ قاياققا ماڭغىنىنى پايلاپ تۇرغان مەخمۇت  توخۇ ئېتىز بېشىدا خۇددى يەردىن ئۈنگەندەك ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.سەمەتجان ئۇنىڭ ئۇزاتقان قولىنى خوشياقمىغاندەك ئىلىك ئالدى ۋە يولىغا ماڭماقچى بولىۋىدى مەخمۇت توخۇ گەپ باشلىدى:

    -ئاداش يوقاپلا كەتتىڭ،بىزدىن رەنجىگەن يېرىڭ بولسا دىگىن،-دىدى ئۇ ھىسداشلىق قىلغاندەك بوش ئاۋازدا،-ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ.جان خۇدانىڭ قولىدا ئالغۇسى كەلگەندە ئالىدۇ،بەندە نىمە قىلالايتۇق؟،ئۆزۈڭنى بۇنچە تۈگەشتۈرىۋەتمە،سەن تېخى ياش خۇدايىم يەنە بېرىدۇ.مۇسىبەت يەتكەندە،دەرت-ئەلەم يەتكەندە بىزدەك دوستلىرىڭدىن تەسەللى تاپماي قېچىپ يۈرگىنىڭ نىمىسى؟ئەل-ئاغىنە دىگەننى مۇشۇنداق چاغدا ئەسقاتىدۇ دەپ تۇتمىساق نىمە قىلىمىز ئارىلىشىپ؟بۇنداق ئۆزەڭنى تۈگەشتۈرۈۋەتمەي نىمە غېمىڭ بولسا دىگىن مانا بىز بار!ھەل بولمايدىغان يەنە نىمە ئىش بار ئىدى.

     

    نەچچە ۋاقىتتىن ئايالىنىڭ نەپرەتلىك نەزەرى ۋە ئوغلىنىڭ مۇسبىتى بىلەن يۈرگىنىنى ئاز دەپ قىيىن ئانىسىمۇ جايىدا يېتىپ‹‹خوتۇن قىلسا ئەرگە،ئەر قىلسا بالىغا››دەپ مانا بىر ئوبدان ئالتۇندەك نەۋرەمنىڭ بېشىغا چىقتىڭغۇ››دەپ غودۇراشلىرىدىن باشقا تەسەللىگە ئېرىشىپ باقمىغان سەمەتجان مەخمۇتنىڭ بۇ تەسەللىرىدىن ھاياجانلىنىپ نەچچە ئۈمچەيگەن بولسىمۇ ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ ئۈنسىز قۇلاق سېلىپ تۇرىۋەردى.موخۇركىلىرىنى يۆگىشىپ ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇشۇپ بىردەم مۇڭداشقاندىن كىيىن سەمەتجان بولغان ئىشلارنى ۋە ئەمدى توختىگۈلگە قانداق چۈشەندۈرۈش مەسىلىسىدە بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى.

    -بېشىڭنى قاتۇرما ئاداش،ئاۋال دوختۇرخانىدىن چىقسۇن،بىز چىرايلىق ئالدىغا كىرىپ ياخشى گېپىڭنى قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاچىقىپ قويىمىز.ياق زادى ئۆي تۇتمايمەن دەپ تۇرۋالسىمۇ نىمىدىن قورقىسەن؟خوتۇن دىگەن تولا نىمىغۇ ئۇ؟ھېلىمۇ شۇنچە يىلدىن سىزغان سىزىقىدىن چىقماي كەلدىڭ،خەخكە ئىچ كۈيۈغۇل بولۇپ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتكەندىن،بېشىڭنى تىك تۇتۇپ تاللاپ خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ ئۆزەڭنى كۆرسىتىپ قويساڭمۇ نىمىسى خاتا؟ئاشنا ئوينىغان بىر سەنمىتىڭ؟ئەركىشى دىگەنگە 4 خوتۇن راۋا.ياشلىقىڭدا بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىپ ئۆتۈپ كەتكىنىڭ بىلەن تۆت كۈندە قېرىيدىغان گەپ،ئۇ چاغدا ياشلىقىڭدا جىقراق ئوينىۋالمىغىنىڭدىن،بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتكەن ئەرلىكىڭدىن ئۆكۈنسەڭمۇ پايدىسى يوق.

    مەخمۇت سۆزلىگەنسىرى ئەزۋەيلەپ كىتىۋاتاتتى،سەمەتجان باشتا سەل قوبۇل قىلالماي نارازىلىق بىلەن باش چايقاپ ئولتۇرغان بولسىمۇ بارا-بارا ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ بەزى جايلىرىنى توغرا تېپىپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ ئولتۇراتتى.

    -قوپە،كۆڭلۈڭنى بىر ئېچىپ قوياي،قالغىنىنى پىشانەڭگە كەلگىنىنى كۆرەرسەن.باشقا كەلگەندە باتۇر،غەم قىلغان ئۇخلاپ ياتۇر،دەپتىكەن دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ سەمەتجانغا قولىنى ئۇزاتتى مەخمۇت توخۇ.سەمەتجان دەماللىققا ئىككىلىنىپ ئۇنىڭغا قولىنى سۇنماي ئولتۇرۇپ كەتتىيۇ بىرنىمىلەرنى دەپ مېڭىشقا تەمشەلگەن مەخمۇتنىڭ ئارقىدىن بېشىنى ساڭگىلىتىپ مېڭىپ كەتكىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەيلا قالدى.

    (دايوجىڭ)دەپ كېچە-كۈندۈز ئوپچە ئىشلەيدىغان بۇ مەزگىللەردە كۈندۈزلۈك ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بېرىپ يۇندىدەك سۇيۇق ئۇماچتىن بىرەر چىنىلا ئىچىپ،بىرەر-ئىككى سائەتلا كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىپ يەنە كېچىچە ئىشلەيدىغان گەپ ئىدى.سەمەتجان ھازىر ئۆيگە بارسىمۇ قوسىقىغا يىگۈدەك  نەرسە تاپالمايتى،تاپسىمۇ كىم ئىتىپ بېرىدۇ؟بوپتۇ بىرەر-ئىككى سائەت مەخمۇتنىڭ باشلىغان يېرىگە بېرىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئەمگەككە چىقمايمەنمۇ؟دىگەننى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان سەمەتجان مەخمۇتنىڭ ئۇنى يەنىلا ئايشەمگۈلنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باشلاپ كەلگىنىدىن نارازى بولۇپ چەكچەيدى.

    -كىرمەيمەن مەن،-دەپ كەينىگە بۇرۇلىۋىدى.دەرۋازىنىڭ قېقىلغىنىنى ئاڭلاپ چىقىپ كەلگەن ئايشەمگۈل توۋلىدى:

    -كىرمەيدىغانغا ئارپىڭىزنى خام ئورىۋەتمىگەندىمەن مەن؟بۇ ئىشىكتىنچۇ كىرىمەن دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىرەلمەيدۇ.ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ كۈندە ئىشىكىمنى ئېچىپ قويغۇنۇمنىڭ جازاسىكەندە بۇ؟

    ئايالنىڭ ۋاتىلداشلىرىنى خوشنىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن سەمەتجان گەپ-سۆز قىلمايلا ھويلىغا كىردى.

    بەڭگىلەر،سازچىلار يىغىلىپ يەنە سورۇن باشلاندى،بۈگۈن سەمەتجان دۇتتار چېلىپ ،ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە قەتئىي ئۇنىمىدى،جىقراق گەپ سوراپ قويغانلارغىمۇ قاپىقىنى تۈرۈپ ھومىيىپ قويۇپ نەچچە قاپاقنى ئارتۇق چىكىۋەتتى.ئىشىك ئالدىدىكى كانايدىن(تېز بولۇڭلار ئەمگەككە چىقىڭلار!،ئەمگەك باشلاندى!!!)دىگەن بۇيرۇقلار چىققاندىلا ئۇلار ئالدىراپ چاپانلىرىنى كىيىشىپ ئېتىزلىققا قاراپ چاپتى.سەمەتجان مەستلىكتىن پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ،ئايشەمگۈلنىڭ ئىشارەتلىرىگە چۈشىنەر- چۈشەنمەيلا تەكرار باش لىڭشىتىپ چوڭ يولغا چىقتى.ئۇ بۇ ھالىتىدە ئېتىزلىققا قانداق بېرىشقا كۆزى يەتمەيتتى.بىرەر چىنە سوغ
  • داشقازان تامىقى توختىتىلىپ،ئەزالار ئايدا 24كىلوگرامدىن ئاشلىق تەمىناتىدىن بەھرىلىنىپ، ئۆزلىرى قازان ئاسىدىغان ۋاقىتلار يىتىپ كىلىۋىدى،ئەترەتتىن ئۆي ئورنى يوقلارغا بىر يېرىم مودىن ئولتۇراق ئۆي ئورنى تەقسىملىنىپ بېرىلدى.شۇ قاتاردا سەمەتجانلارغىمۇ ئۆيلۈك ...